92 : 1
وَٱلَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰ
قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى(1)،
★
92 : 2
وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ
يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى(2)،
★
92 : 3
وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰٓ
ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى(3)،
★
92 : 4
إِنَّ سَعْيَكُمْ لَشَتَّىٰ
سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر(4).
★
92 : 5
فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَٱتَّقَىٰ
(پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك(5ـ6)،
★
92 : 6
وَصَدَّقَ بِٱلْحُسْنَىٰ
(پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك(5ـ6)،
★
92 : 7
فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلْيُسْرَىٰ
ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز(7).
★
92 : 8
وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسْتَغْنَىٰ
بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك(8ـ9)،
★
92 : 9
وَكَذَّبَ بِٱلْحُسْنَىٰ
بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك(8ـ9)،
★
92 : 10
فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلْعُسْرَىٰ
بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز(10).
★
92 : 11
وَمَا يُغْنِى عَنْهُ مَالُهُۥٓ إِذَا تَرَدَّىٰٓ
ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ(11).
★
92 : 12
إِنَّ عَلَيْنَا لَلْهُدَىٰ
توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك ـ شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز(12).
★
92 : 13
وَإِنَّ لَنَا لَلْـَٔاخِرَةَ وَٱلْأُولَىٰ
دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر(13).
★
92 : 14
فَأَنذَرْتُكُمْ نَارًا تَلَظَّىٰ
سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم(14).
★
92 : 15
لَا يَصْلَىٰهَآ إِلَّا ٱلْأَشْقَى
ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ(15ـ16).
★
92 : 16
ٱلَّذِى كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ(15ـ16).
★
92 : 17
وَسَيُجَنَّبُهَا ٱلْأَتْقَى
پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ(17ـ18).
★
92 : 18
ٱلَّذِى يُؤْتِى مَالَهُۥ يَتَزَكَّىٰ
پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ(17ـ18).
★
92 : 19
وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُۥ مِن نِّعْمَةٍ تُجْزَىٰٓ
ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر(19ـ20).
★
92 : 20
إِلَّا ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ رَبِّهِ ٱلْأَعْلَىٰ
ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر(19ـ20).
★
92 : 21
وَلَسَوْفَ يَرْضَىٰ
ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ(21).
★