91 : 1
وَٱلشَّمْسِ وَضُحَىٰهَا
قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى(1)،
★
91 : 2
وَٱلْقَمَرِ إِذَا تَلَىٰهَا
قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى(2)،
★
91 : 3
وَٱلنَّهَارِ إِذَا جَلَّىٰهَا
قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى(3)،
★
91 : 4
وَٱلَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰهَا
قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى(4)،
★
91 : 5
وَٱلسَّمَآءِ وَمَا بَنَىٰهَا
ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى(5)،
★
91 : 6
وَٱلْأَرْضِ وَمَا طَحَىٰهَا
زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى(6)،
★
91 : 7
وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّىٰهَا
نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7ـ8)،
★
91 : 8
فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَىٰهَا
نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7ـ8)،
★
91 : 9
قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّىٰهَا
نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ(9).
★
91 : 10
وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّىٰهَا
نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ(10).
★
91 : 11
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَىٰهَآ
سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى(11).
★
91 : 12
إِذِ ٱنۢبَعَثَ أَشْقَىٰهَا
ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى(12).
★
91 : 13
فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ ٱللَّهِ نَاقَةَ ٱللَّهِ وَسُقْيَـٰهَا
ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى(13).
★
91 : 14
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُم بِذَنۢبِهِمْ فَسَوَّىٰهَا
ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى(14).
★
91 : 15
وَلَا يَخَافُ عُقْبَـٰهَا
ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ(15).
★