88 : 1
هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلْغَـٰشِيَةِ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى(1).
88 : 2
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَـٰشِعَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر(2).
88 : 3
عَامِلَةٌ نَّاصِبَةٌ
ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر(3).
88 : 4
تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ(4).
88 : 5
تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ ءَانِيَةٍ
(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ(5).
88 : 6
لَّيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٍ
ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ(6).
88 : 7
لَّا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِى مِن جُوعٍ
زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ(7).
88 : 8
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاعِمَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر(8).
88 : 9
لِّسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ
بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر(9).
88 : 10
فِى جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر(10).
88 : 11
لَّا تَسْمَعُ فِيهَا لَـٰغِيَةً
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ(11).
88 : 12
فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ(12).
88 : 13
فِيهَا سُرُرٌ مَّرْفُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88 : 14
وَأَكْوَابٌ مَّوْضُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88 : 15
وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88 : 16
وَزَرَابِىُّ مَبْثُوثَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
88 : 17
أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى(17)،
88 : 18
وَإِلَى ٱلسَّمَآءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى(18)،
88 : 19
وَإِلَى ٱلْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى(19)،
88 : 20
وَإِلَى ٱلْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
زېمىن قانداق يېيىتىلدى(20).
88 : 21
فَذَكِّرْ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٌ
سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن(21).
88 : 22
لَّسْتَ عَلَيْهِم بِمُصَيْطِرٍ
سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن(22).
88 : 23
إِلَّا مَن تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ
لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن(23)،
88 : 24
فَيُعَذِّبُهُ ٱللَّهُ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَكْبَرَ
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ(24).
88 : 25
إِنَّ إِلَيْنَآ إِيَابَهُمْ
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ(25).
88 : 26
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُم
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز(26).