86 : 1
وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ
ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن(1).
86 : 2
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ
تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟(2)
86 : 3
ٱلنَّجْمُ ٱلثَّاقِبُ
ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر(3).
86 : 4
إِن كُلُّ نَفْسٍ لَّمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌ
ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار(4).
86 : 5
فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَـٰنُ مِمَّ خُلِقَ
ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن(5).
86 : 6
خُلِقَ مِن مَّآءٍ دَافِقٍ
ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى(6).
86 : 7
يَخْرُجُ مِنۢ بَيْنِ ٱلصُّلْبِ وَٱلتَّرَآئِبِ
ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ(7).
86 : 8
إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجْعِهِۦ لَقَادِرٌ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر(8).
86 : 9
يَوْمَ تُبْلَى ٱلسَّرَآئِرُ
سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)(9)،
86 : 10
فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ
ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر(10).
86 : 11
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجْعِ
يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى(11)،
86 : 12
وَٱلْأَرْضِ ذَاتِ ٱلصَّدْعِ
يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى(12)،
86 : 13
إِنَّهُۥ لَقَوْلٌ فَصْلٌ
قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر(13)،
86 : 14
وَمَا هُوَ بِٱلْهَزْلِ
ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر(14).
86 : 15
إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ(15).
86 : 16
وَأَكِيدُ كَيْدًا
مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن(16).
86 : 17
فَمَهِّلِ ٱلْكَـٰفِرِينَ أَمْهِلْهُمْ رُوَيْدًۢا
(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)(17).