83 : 1
وَيْلٌ لِّلْمُطَفِّفِينَ
(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!(1)
83 : 2
ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكْتَالُوا۟ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسْتَوْفُونَ
ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ(2).
83 : 3
وَإِذَا كَالُوهُمْ أَو وَّزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ
كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ(3).
83 : 4
أَلَا يَظُنُّ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبْعُوثُونَ
ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ(4ـ5).
83 : 5
لِيَوْمٍ عَظِيمٍ
ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ(4ـ5).
83 : 6
يَوْمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ(6)
83 : 7
كَلَّآ إِنَّ كِتَـٰبَ ٱلْفُجَّارِ لَفِى سِجِّينٍ
ئۇلار (تارازىدا، ئۆلچەمدە) كەم بېرىشتىن يانسۇن، يامان ئادەملەرنىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم سىججىندا بولىدۇ(7).
83 : 8
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا سِجِّينٌ
سىججىن دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق بىلەلەيسەن؟(8)
83 : 9
كِتَـٰبٌ مَّرْقُومٌ
ئۇ (يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن بىر دەپتەردۇر(9).
83 : 10
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(10)
83 : 11
ٱلَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ
ئۇلار قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدۇ(11).
83 : 12
وَمَا يُكَذِّبُ بِهِۦٓ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
ئۇنى پەقەت (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ(12).
83 : 13
إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ءَايَـٰتُنَا قَالَ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ
ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدۇر» دەيدۇ(13).
83 : 14
كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن(14).
83 : 15
كَلَّآ إِنَّهُمْ عَن رَّبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَّمَحْجُوبُونَ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان(15).
83 : 16
ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُوا۟ ٱلْجَحِيمِ
ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر(16).
83 : 17
ثُمَّ يُقَالُ هَـٰذَا ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
ئاندىن (ئۇلارغا): «مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسە (يەنى ئازاب) دۇر» دېيىلىدۇ(17).
83 : 18
كَلَّآ إِنَّ كِتَـٰبَ ٱلْأَبْرَارِ لَفِى عِلِّيِّينَ
راستلا ياخشى بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى شەك ـ شۈبھىسىز ئىللىيوندا بولىدۇ(18).
83 : 19
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا عِلِّيُّونَ
ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟(19)
83 : 20
كِتَـٰبٌ مَّرْقُومٌ
(ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر(20).
83 : 21
يَشْهَدُهُ ٱلْمُقَرَّبُونَ
ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ(21).
83 : 22
إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ لَفِى نَعِيمٍ
ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ(22).
83 : 23
عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ
ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھنىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ(23).
83 : 24
تَعْرِفُ فِى وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ ٱلنَّعِيمِ
ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن(24).
83 : 25
يُسْقَوْنَ مِن رَّحِيقٍ مَّخْتُومٍ
ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ،(25)
83 : 26
خِتَـٰمُهُۥ مِسْكٌ ۚ وَفِى ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ ٱلْمُتَنَـٰفِسُونَ
ئەڭ ئاخىرىقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!(26)
83 : 27
وَمِزَاجُهُۥ مِن تَسْنِيمٍ
ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان(27).
83 : 28
عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا ٱلْمُقَرَّبُونَ
تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ(28).
83 : 29
إِنَّ ٱلَّذِينَ أَجْرَمُوا۟ كَانُوا۟ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يَضْحَكُونَ
كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى(29).
83 : 30
وَإِذَا مَرُّوا۟ بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ
(مۆمىنلەر) ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە،ئۇلار ئۆزئارا كۆزقىسىشاتتى(30).
83 : 31
وَإِذَا ٱنقَلَبُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَهْلِهِمُ ٱنقَلَبُوا۟ فَكِهِينَ
ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۆمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مەزە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى (31).
83 : 32
وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوٓا۟ إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَضَآلُّونَ
مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى (32).
83 : 33
وَمَآ أُرْسِلُوا۟ عَلَيْهِمْ حَـٰفِظِينَ
ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق(33).
83 : 34
فَٱلْيَوْمَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنَ ٱلْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ
بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ(34)،
83 : 35
عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ
(كاپىرلار) نىڭ ھالىغا (ئېسىل) تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نەزەر تاشلايدۇ(35).
83 : 36
هَلْ ثُوِّبَ ٱلْكُفَّارُ مَا كَانُوا۟ يَفْعَلُونَ
(كاپىرلار مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟(36)