82 : 1
إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتْ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا(1)،
82 : 2
وَإِذَا ٱلْكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتْ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(2)،
82 : 3
وَإِذَا ٱلْبِحَارُ فُجِّرَتْ
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا(3)،
82 : 4
وَإِذَا ٱلْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا(4)،
82 : 5
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ(5).
82 : 6
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْإِنسَـٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلْكَرِيمِ
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟(6)
82 : 7
ٱلَّذِى خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى(7).
82 : 8
فِىٓ أَىِّ صُورَةٍ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى(8).
82 : 9
كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر(9).
82 : 10
وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَـٰفِظِينَ
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار(10).
82 : 11
كِرَامًا كَـٰتِبِينَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ(11).
82 : 12
يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(12).
82 : 13
إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ لَفِى نَعِيمٍ
مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ(13)،
82 : 14
وَإِنَّ ٱلْفُجَّارَ لَفِى جَحِيمٍ
كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ(14).
82 : 15
يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ ٱلدِّينِ
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ(15).
82 : 16
وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَآئِبِينَ
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ(16).
82 : 17
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(17)
82 : 18
ثُمَّ مَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(18)
82 : 19
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِّنَفْسٍ شَيْـًٔا ۖ وَٱلْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ
ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر(19).