81 : 1
إِذَا ٱلشَّمْسُ كُوِّرَتْ
كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا(1)،
81 : 2
وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتْ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(2)،
81 : 3
وَإِذَا ٱلْجِبَالُ سُيِّرَتْ
تاغلار گۇمران بولغان چاغدا(3)،
81 : 4
وَإِذَا ٱلْعِشَارُ عُطِّلَتْ
بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا(4)،
81 : 5
وَإِذَا ٱلْوُحُوشُ حُشِرَتْ
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا(5)،
81 : 6
وَإِذَا ٱلْبِحَارُ سُجِّرَتْ
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا(6)،
81 : 7
وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتْ
جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا(7)،
81 : 8
وَإِذَا ٱلْمَوْءُۥدَةُ سُئِلَتْ
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،
81 : 9
بِأَىِّ ذَنۢبٍ قُتِلَتْ
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،
81 : 10
وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتْ
نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا(10)،
81 : 11
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتْ
ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا(11)،
81 : 12
وَإِذَا ٱلْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا(12)،
81 : 13
وَإِذَا ٱلْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ
جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا(13)،
81 : 14
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّآ أَحْضَرَتْ
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ(14).
81 : 15
فَلَآ أُقْسِمُ بِٱلْخُنَّسِ
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،
81 : 16
ٱلْجَوَارِ ٱلْكُنَّسِ
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،
81 : 17
وَٱلَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن(17)،
81 : 18
وَٱلصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ
يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن(18).
81 : 19
إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر(19).
81 : 20
ذِى قُوَّةٍ عِندَ ذِى ٱلْعَرْشِ مَكِينٍ
ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر(20).
81 : 21
مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر(21).
81 : 22
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر(22).
81 : 23
وَلَقَدْ رَءَاهُ بِٱلْأُفُقِ ٱلْمُبِينِ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى(23).
81 : 24
وَمَا هُوَ عَلَى ٱلْغَيْبِ بِضَنِينٍ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر(24).
81 : 25
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَـٰنٍ رَّجِيمٍ
ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر(25).
81 : 26
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
قەيەرگە بارىسىلەر؟(26)
81 : 27
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَـٰلَمِينَ
ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر(27).
81 : 28
لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر(28).
81 : 29
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) (29).