80 : 1
عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ
يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى(1ـ2).
★
80 : 2
أَن جَآءَهُ ٱلْأَعْمَىٰ
يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى(1ـ2).
★
80 : 3
وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ
(ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن(3).
★
80 : 4
أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكْرَىٰٓ
ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن(4).
★
80 : 5
أَمَّا مَنِ ٱسْتَغْنَىٰ
ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)(5ـ6).
★
80 : 6
فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ
ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)(5ـ6).
★
80 : 7
وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ
ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى(7).
★
80 : 8
وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسْعَىٰ
سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك(8ـ9)،
★
80 : 9
وَهُوَ يَخْشَىٰ
سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك(8ـ9)،
★
80 : 10
فَأَنتَ عَنْهُ تَلَهَّىٰ
سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن(10).
★
80 : 11
كَلَّآ إِنَّهَا تَذْكِرَةٌ
(بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر(11).
★
80 : 12
فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ
خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ(12).
★
80 : 13
فِى صُحُفٍ مُّكَرَّمَةٍ
ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر(13ـ14).
★
80 : 14
مَّرْفُوعَةٍ مُّطَهَّرَةٍۭ
ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر(13ـ14).
★
80 : 15
بِأَيْدِى سَفَرَةٍ
(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر(15ـ16).
★
80 : 16
كِرَامٍۭ بَرَرَةٍ
(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر(15ـ16).
★
80 : 17
قُتِلَ ٱلْإِنسَـٰنُ مَآ أَكْفَرَهُۥ
ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى!(17)
★
80 : 18
مِنْ أَىِّ شَىْءٍ خَلَقَهُۥ
ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟(18)
★
80 : 19
مِن نُّطْفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ
ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغىچە) ئاللاھ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن ـ پەي ياراتتى(19).
★
80 : 20
ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ
ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى(20).
★
80 : 21
ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقْبَرَهُۥ
ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى(21).
★
80 : 22
ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ
ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ(22).
★
80 : 23
كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَآ أَمَرَهُۥ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى(23).
★
80 : 24
فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَـٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ
ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن(24).
★
80 : 25
أَنَّا صَبَبْنَا ٱلْمَآءَ صَبًّا
(بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق(25).
★
80 : 26
ثُمَّ شَقَقْنَا ٱلْأَرْضَ شَقًّا
ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق(26).
★
80 : 27
فَأَنۢبَتْنَا فِيهَا حَبًّا
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).
★
80 : 28
وَعِنَبًا وَقَضْبًا
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).
★
80 : 29
وَزَيْتُونًا وَنَخْلًا
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).
★
80 : 30
وَحَدَآئِقَ غُلْبًا
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).
★
80 : 31
وَفَـٰكِهَةً وَأَبًّا
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).
★
80 : 32
مَّتَـٰعًا لَّكُمْ وَلِأَنْعَـٰمِكُمْ
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).
★
80 : 33
فَإِذَا جَآءَتِ ٱلصَّآخَّةُ
(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)(33).
★
80 : 34
يَوْمَ يَفِرُّ ٱلْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ
ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ(34ـ36).
★
80 : 35
وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ
ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ(34ـ36).
★
80 : 36
وَصَـٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ
ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ(34ـ36).
★
80 : 37
لِكُلِّ ٱمْرِئٍ مِّنْهُمْ يَوْمَئِذٍ شَأْنٌ يُغْنِيهِ
ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ(37).
★
80 : 38
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ مُّسْفِرَةٌ
ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ(38ـ39).
★
80 : 39
ضَاحِكَةٌ مُّسْتَبْشِرَةٌ
ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ(38ـ39).
★
80 : 40
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌ
يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ(40ـ41)،
★
80 : 41
تَرْهَقُهَا قَتَرَةٌ
يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ(40ـ41)،
★
80 : 42
أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْكَفَرَةُ ٱلْفَجَرَةُ
بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر(42).
★