75 : 1
لَآ أُقْسِمُ بِيَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ
قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى(1)،
★
75 : 2
وَلَآ أُقْسِمُ بِٱلنَّفْسِ ٱللَّوَّامَةِ
ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)(2).
★
75 : 3
أَيَحْسَبُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَلَّن نَّجْمَعَ عِظَامَهُۥ
ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟(3)
★
75 : 4
بَلَىٰ قَـٰدِرِينَ عَلَىٰٓ أَن نُّسَوِّىَ بَنَانَهُۥ
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز(4).
★
75 : 5
بَلْ يُرِيدُ ٱلْإِنسَـٰنُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُۥ
بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ(5).
★
75 : 6
يَسْـَٔلُ أَيَّانَ يَوْمُ ٱلْقِيَـٰمَةِ
ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ(6).
★
75 : 7
فَإِذَا بَرِقَ ٱلْبَصَرُ
كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ(7ـ10).
★
75 : 8
وَخَسَفَ ٱلْقَمَرُ
كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ(7ـ10).
★
75 : 9
وَجُمِعَ ٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ
كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ(7ـ10).
★
75 : 10
يَقُولُ ٱلْإِنسَـٰنُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ ٱلْمَفَرُّ
كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ(7ـ10).
★
75 : 11
كَلَّا لَا وَزَرَ
ياق، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر(11).
★
75 : 12
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ ٱلْمُسْتَقَرُّ
بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر(12).
★
75 : 13
يُنَبَّؤُا۟ ٱلْإِنسَـٰنُ يَوْمَئِذٍۭ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ(13).
★
75 : 14
بَلِ ٱلْإِنسَـٰنُ عَلَىٰ نَفْسِهِۦ بَصِيرَةٌ
بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر(14).
★
75 : 15
وَلَوْ أَلْقَىٰ مَعَاذِيرَهُۥ
ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)(15).
★
75 : 16
لَا تُحَرِّكْ بِهِۦ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِۦٓ
(ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما(16).
★
75 : 17
إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُۥ وَقُرْءَانَهُۥ
ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر(17).
★
75 : 18
فَإِذَا قَرَأْنَـٰهُ فَٱتَّبِعْ قُرْءَانَهُۥ
ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن(18).
★
75 : 19
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُۥ
ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر(19).
★
75 : 20
كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ ٱلْعَاجِلَةَ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر(20).
★
75 : 21
وَتَذَرُونَ ٱلْـَٔاخِرَةَ
ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر(21).
★
75 : 22
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ
بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ(22).
★
75 : 23
إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ
(ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ(23).
★
75 : 24
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍۭ بَاسِرَةٌ
بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ(24).
★
75 : 25
تَظُنُّ أَن يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ
ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ(25).
★
75 : 26
كَلَّآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلتَّرَاقِىَ
راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ(26ـ27).
★
75 : 27
وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ
راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ(26ـ27).
★
75 : 28
وَظَنَّ أَنَّهُ ٱلْفِرَاقُ
(سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ(28).
★
75 : 29
وَٱلْتَفَّتِ ٱلسَّاقُ بِٱلسَّاقِ
(سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ(29).
★
75 : 30
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ ٱلْمَسَاقُ
بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر(30).
★
75 : 31
فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
(كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى(31).
★
75 : 32
وَلَـٰكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى(32).
★
75 : 33
ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰٓ أَهْلِهِۦ يَتَمَطَّىٰٓ
ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى(33).
★
75 : 34
أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!(34)
★
75 : 35
ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰٓ
يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!(35)
★
75 : 36
أَيَحْسَبُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَن يُتْرَكَ سُدًى
ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟(36)
★
75 : 37
أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِّن مَّنِىٍّ يُمْنَىٰ
ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟(37)
★
75 : 38
ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى(38).
★
75 : 39
فَجَعَلَ مِنْهُ ٱلزَّوْجَيْنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰٓ
ئۇ مەنىيدىن ئەر ـ ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى(39)
★
75 : 40
أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَـٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحْـِۧىَ ٱلْمَوْتَىٰ
(يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟(40)
★