102 : 1
أَلْهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى(1ـ2).
102 : 2
حَتَّىٰ زُرْتُمُ ٱلْمَقَابِرَ
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى(1ـ2).
102 : 3
كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر(3).
102 : 4
ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر(4).
102 : 5
كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ ٱلْيَقِينِ
ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)(5).
102 : 6
لَتَرَوُنَّ ٱلْجَحِيمَ
سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر(6).
102 : 7
ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ ٱلْيَقِينِ
ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر(7).
102 : 8
ثُمَّ لَتُسْـَٔلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ ٱلنَّعِيمِ
ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر(8).